مۇستاپا شەنتوپ 23 ئۆسمۈرنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ 23 - ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنۈگۈن 23 ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى.

1626859
مۇستاپا شەنتوپ 23 ئۆسمۈرنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ، كەلگۈسىنىڭ چوڭلىرى بولغان كىچىل بالىلارغا، «سىلەر ئىنشائاللاھ، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەردە، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ چوڭ تۈركىيەدە ياشايسىلەر. بۇنداق تۈركىيەنى قۇرىدىغان ۋە بەرپا قىلىدىغان كىشىلەر سىلەر بولىسىلەر» دېدى.

بالىلار بىلەن بىر مەزگىل پاراڭلاشقان ۋە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن مۇستاپا شەنتوپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە 23 - ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بالىلار بايرىمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بالىلار ئوقۇغان تۈركىيە دۆلەت شېئىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى.

مۇستاپا شەنتوپ پروگرامما دائىرىسىدە بالىلارنى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى ۋە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مىراچ ئەيمەن كاياغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

مۇستاپا شەنتوپ بالىلارغا قىلغان سۆزىدە، «1920-يىلى 23- ئاپرېل، بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان كۈندۇر.  بۇ كۈن ئاتاتۈرك تەرىپىدىن بالىلارغا سوۋغا قىلىندى ۋە بايرامغا ئايلاندى» دېدى.  

مۇستاپا شەنتوپ  يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بالىلارغا سوۋغا قىلىنغان بىر بايرام بولۇپ، بۇنى تۈركىيە ئىشقا ئاشۇردى. نېمىشقا بالىلارغا سوۋغا قىلىندى؟ چۈنكى بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز. ھازىر ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ھايات ئەمەس. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى بايراقنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئاندىن ئۇلارمۇ ئالەمدىن ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بايراقنى تاپشۇرۇپ ئالدى ، ئاندىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى. ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى. ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن، سىلەرمۇ چوڭ بولىسىلەر. بىز بايراقنى سىلەرگە تاپشۇرىمىز».

تۈركىيەنىڭ بۈيۈك ۋە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش يولىدىكى كۈرىشىنىڭ بىر بايراق مۇسابىقىسى ئەكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مۇستاپا شەنتوپ، «سىلەر ئىنشائاللاھ، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەردە، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ چوڭ تۈركىيەدە ياشايسىلەر. بۇنداق تۈركىيەنى قۇرىدىغان ۋە بەرپا قىلىدىغان كىشىلەر سىلەر بولىسىلەر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر