تۈركىيەدە بۈگۈن 354 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 354كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1626690
تۈركىيەدە بۈگۈن 354 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 354كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 37 مىڭ 329غا يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 312 مىڭ 109ئادەمنىڭ 3 مىڭ 128 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 54مىڭ 791گە يەتتى.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 65مىڭ 593 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 3 مىليون 909مىڭ 935كە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر