تۈركىيە ئاتاسويغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش ئورگىنىنىڭ ئەزالىقىغا 3 – قېتىم سايلانغان  پىروفېسسور دوكتور سەۋىل ئاتاسويغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

1626058
تۈركىيە ئاتاسويغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى
sevil atasoy.jpeg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مەركىزىيي ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېيانادا تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش ئورگىنىنىڭ 2022 – 2027 – يىللىق ئەزالىقلىرى ئۈچۈن، 20 – ئاپرېل كۈنى نىيۇ يوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭەشتە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا، تۈركىيە تەرىپىدىن نامزات كۆرسىتىلگەن پىروفېسسور دوكتور سەۋىل ئاتاسوينىڭ، 2005 – يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋەزىپىگە 3 – قېتىم سايلانغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئاتاسوينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش ئورگىنىنىڭ پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى كۈچلۈك نوپۇزى ۋە ھۆرمىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش ئورگىنىدا دەسلەپتە 2005 – 2010 – يىللىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاتاسوي، ئورگاننىڭ مەسئۇللۇقىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان تۇنجى تۈركىيە پۇقراسى بولغانىدى.

ھازىرمۇ كېڭەش ئەزاسى سۈپىتىدە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان ئاتاسوي، 2022 – يىلدىن 2027 – يىلغىچە بولغان مەزگىلدىمۇ بۇ ۋەزىنى ئۆتەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش ئورگىنىنىڭ 13 ئەزاسى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر