تۈركىيە - قاتار مۇداپىئە ساھەسى ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

قاتار ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى غانىم بىن شاھىن ئەلغانىم پايتەخت دوھادا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1626103
تۈركىيە - قاتار مۇداپىئە ساھەسى ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار خەۋەر ئاگېنتلىقى — قنا، دوھادا زىيارەتتە بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىرنىڭ قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى غانىم بىن شاھىن ئەلغانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، قاتار ئارمىيەسى بىلەن ئورنىتىلغان مۇداپىئە سانائىتى ساھەسى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ تۈركىيەدىن سېتىۋالغان مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدە «بايراقتار ت.ب-2» تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، مەشىق پاراخوتلىرى ۋە مۇداپىئە ئاپپاراتى قاتارلىقلار بار.

تۈركىيە 2019 – 2020 – يىللىرى قاتارغا 220 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلدى.

2021 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدىكى ئېكسپورت سوممىسى بولسا، 18 مىليون 100 مىڭ دوللارغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر