تۈركىيە توقۇنۇشتا ئۆلگەن چاد پىرېزىدېنتى ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دوست ۋە قېرىنداش چاد خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1625313
تۈركىيە توقۇنۇشتا ئۆلگەن چاد پىرېزىدېنتى ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دېبى ئىتنونىڭ  خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ۋاپات بولغانلىقىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيە بىلەن چادنىڭ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىدرىس دېبى ئىتنونىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن، دوست ۋە قېرىنداش چاد خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئىتنونىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

چاد ئارمىيەسى باياناتچىسى ئازېم بېرماندوا ئاگۇنا 20 - ئاپرېل دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلىپ، 68 ياشلىق ئىتنونىڭ ھەپتە ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى چاد ئۆزگىرىش ۋە ئىتتىپاقلىق فىرونتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقىنى ۋە توقۇنۇشتا يارىلىنىپ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر