جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى كابىنېتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى
رەسمىي گېزىتنىڭ بۈگۈنكى سانىدا جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.
1625247
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى قارارنامىسىگە ئاساسەن، سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ ئورنىغا مەھمەت مۇش تەيىنلەندى.
ئائىلە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى بىلەن ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى نامىدا ئىككىگە ئايرىۋېتىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ ئىككىگە ئايرىۋېتىلىشى بىلەن بىرلىكتە زەھرا زۈمرۈت سەلچۇقنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان بولدى؛ يېڭى قۇرۇلغان ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقىغا دەريا يانىك، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىغا ۋەدات بىلگىن تەيىنلەندى.
بۇ قارار بىلەن بىرلىكتە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېتىدىكى مىنىستىرلىق سانى 16 دىن 17 گە چىقتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.