چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە – رۇمىنىيە – پولشا يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 22 – 23 – ئاپرېل كۈنلىرى رۇمىنىيەنىڭ پايتەختى بۈكرەشتە چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – رۇمىنىيە – پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

1625441
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە – رۇمىنىيە – پولشا يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 2016 – يىلدىن بۇيان سىستېمىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىنغا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن قاتنىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، يىغىن دائىرىسىدە 3 ئىتتىپاقداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا ۋە گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭمۇ يىغىننىڭ بىر قىسمىغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ يىلقى يىغىن، كېلەر قېتىملىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، 3 ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ بۇ يىغىندىن ۋە كېيىنكى باسقۇچتىن كۈتىدىغانلىقلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر