بۈگۈن تۈركىيەدە 362 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 363 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1625916
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 362 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار ئومۇمىي سانى 36 مىڭ 975 گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 318 مىڭ 839 ئادەمنىڭ 2932 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 61 مىڭ 967 گە يەتتى.
سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 52 مىڭ 213 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 3 مىليون 844 مىڭ 342 گە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.