تۈركىيە يۈزدىن ئارتۇق پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇۋالدى

ئىزمىر ۋە چاناققەلئە دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 113 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇلۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىلدى.

1624511
تۈركىيە يۈزدىن ئارتۇق پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى، ئىزمىرنىڭ سەفەرھىسار ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئىككى قولۋاقتا بىر تۈركۈم پاناھلانغۇچىلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، رايونغا قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغان 59 پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزدى.

بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر كىشىلەر، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى يەنە، گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن كامېر كېمىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىققان ئونلارچە كىشىنىڭ چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە توختاپ قالغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىپ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

رايونغا يېتىپ بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتى، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 54 كىشىنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.

مەزكۇر تەرتىپسىز كۆچمەنلەر، ئالاقىدار رەسمىيەتلەردىن كېيىن ئايۋاجىك چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر