چادتا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشلار نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

چادنىڭ جەنۇبىدا ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 100 گە يەتتى.

1623957
چادتا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشلار نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالامەت رايونىدىكى سىھېپ ۋە ئامبارىت يېزىلىرىدا، بىر تەرەپتىن ئەرەبلەر بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن، داگال ۋە كىبېت ئېتنىك گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى ھەپتە باشلانغان توقۇنۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 100 گە يەتتى.

دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى (CNDH)، ھۆكۈمەتنى سالامەت رايونىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشقا چاقىردى ۋە خەلقنى قورالسىزلاندۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

سالامەت ۋالىيسى گېنېرال يامبايې ماسسىرا ئابدېل، ئالدىنقى ھەپتە، توقۇنۇشلار جەريانىدا كۆپلىگەن ئۆيلەرگە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ، ۋەقەگە خاتىمە بېرىش ۋە جاۋابكارلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە رايونغا دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر