ئەردوغان: تۈركىيە يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە دۇنيا ئۈلگە بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1623190
ئەردوغان: تۈركىيە يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە دۇنيا ئۈلگە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھاسانكەيف-2 كۆۋرۈكىنى خىزمەتكە  كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدىكى خۇبەر سارىيىدىن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلدى.

سۆزى جەريانىدا تۈركىيەنىڭ سەھىيە ساھەسىدە تاشلىغان قەدەملىرىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن ئەردوغان: «نۆۋەتتە بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز سەھىيە مۇلازىمىتى ئېلىش ئۈچۈن چەت ئەلگە بارمايدۇ. چەت ئەللىكلەر تۈركىيەگە كەلگەندە، بىزنىڭ يوللىرىمىزغا، كۆۋرۈكلىرىمىزگە، ئايرودۇرۇملىرىمىزغا ھەيران ئىلكىدە قارايدۇ» دېدى.

ھەر يىلى يۈز مىڭلارچە چەت ئەللىكنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرىشى ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە. دۇنيادىكى 100 گە يېقىن دۆلەت تېخى بىر قۇتىمۇ ۋاكسىنىغا ئېرىشەلمەيۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا، بىز پۇقرالىرىمىزغا 20 مىليون قۇتا ۋاكسىنىنى سېلىپ بولدۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر