ئەردوغان چاۋۇشئوغلۇنىڭ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى

ئەردوغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياسنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قايتۇرغان جاۋابى ئۈستىدە: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز دېندىياسنىڭ ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭدىن يۇمشاق مۇئامىلە قىلالمايتتى» دېدى.

1622722
ئەردوغان چاۋۇشئوغلۇنىڭ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك بايانات بەردى.

ئۇ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 15-ئاپرېل) گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېندىياسنىڭ چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتقان سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى دېندىياس بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىش ئويلىغاندەك بولمىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز دېندىياسنىڭ بۇ مۇئامىلىلىرى ۋە پوزىتسىيەسىگە قارشى ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭدىن يۇمشاق مۇئامىلە قىلالمايتتى. دېمىسىمۇ خەلق ۋە دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزگە ياراشمايتتى. دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەرنى قىلىپ ئىشنى تۈگەتكەن بولدى» دېدى.

ئۇ دېندىياسنىڭ پوزىتسىيەسىنى توغرا كۆرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دېندىياسنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا، تۈركىيە بىكەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىش مۇساپىسى بولسۇن، باشقىلارنى ئارىلاشتۇرمايلى دېدىم» دېدى.

ئۇ گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي تراكيادا باش مۇپتىنى ھازىرغىچە ئۆزلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «1923-يىلىدىكى لوزان شەرتنامىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ يەردىكى باش مۇپتىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقى يوق. بىز دۆلىتىمىزدە پاترىكلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىمەيمىز. گىرېتسىيەدىكى مۇپتىلىرىمىزنى ۋە ئىماملىرىمىزنى ئۆزىنىڭ مەمۇرىي خادىمىغا ئوخشاش ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. بۇنداق قىلىش، خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ. بۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە نەتىجە ئالىمىز دېدۇق، ئەمما ئۇلاردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن گرېتسىيەلىك مەنسەپدېشى نىكوس دېندىياس بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا،  ئاساسسىز ئەيىبلەشلەردە بولغان مېھمان مىنىستىرغا: «بىز بۇ تۇنجى ئۇچرىشىشنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي كەيپىياتتا داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق، ئەمما نىكول دېندىياس بەختكە قارشى ئىنتايىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئالدى بىلەن، تۈركىيەنىڭ گرېتسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى، بولۇپمۇ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ۋە قىبرىس تۈرك تەرەپنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا مەسئۇل ۋە باسقان قەدەملىرىمىزمۇ بۇ ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداشقا قارىتىلغان... بۇ يەرەگ كېلىپ تۈركىيەنى ئەيىبلىسىڭىز، مېنىڭ بۇلارغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىم بار. يەنە كېلىپ، بىز تۈركىيەدە رۇم ئورتودوكس ئاز سانلىقلارنى، رۇم ئورتودوكس دەپ قوبۇل قىلىمىز. ئەمما سىلەر ‹مەن تۈرك› دېگەن تۈركلەرنى ‹ياق، سەن تۈرك ئەمەس، پەقەت سەن مۇسۇلمان› دېيىشىڭلار ئىنسانىيلىققا ئىگە ئەمەس، ھەم خەلقارالىق قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر