قالىن ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.
1622754
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلمىغا قارشى پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ھۇجۇملارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز.»