چاۋۇشئوغلۇ بارزانى بىلەن تېلېفونلاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1621620
چاۋۇشئوغلۇ بارزانى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، بارزانى چاۋۇشئوغلۇغا، ئەربىل ۋە باشىكادا يۈز بەرگەن ھۇجۇملار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن.

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى باشىكا ھەربىي بازىسى رايونىدا يۈز بەرگەن خائىنلارچە ھۇجۇمدا شېھىت بولغان قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، سەپداشلىرىغا ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر