تۈركىيەدە بۈگۈن 273 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن 273 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1620600
تۈركىيەدە بۈگۈن 273 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن 273 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 455 گە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 306 مىڭ 563  كىشىنىڭ 2 مىڭ 723 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 59 مىڭ 187 گە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 52 مىڭ 104 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 3 مىليون 424 مىڭ 733 كە يەتتى.

بۇ ئارىلىقتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە مىنىستىرلار كېڭىشىدا ماقۇللانغان قارارلارنى ئېلان قىلدى.

15  كۈنلۈك «قىسمەن ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق تەدبىرلىرى» دائىرىسىدە؛ ھەپتە ئاخىرلىرى تامامەن، ھەپتە ئىچى (ئەنقەرە ۋاقتى سائەت) 19.00 – 05.00 ئارىلىقىدا كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ سائەتلەر سىرتىدا شەھەرلەر ئارا ساياھەتلەرنىڭ زۆرۈر ئەھۋاللارنىڭ سىرتىدا مەنئىي قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  دۆلەت ئورۇنلىرىدا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان خىزمەت ئورنىدا ئېھتىياجقا قاراپ ئاز كىشى بىلەن ئىشلەش، قالغان خىزمەتلەرنى يىراقتىن تور مۇھىتى ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ خۇسۇسىي ساھەلەردىمۇ تەشۋىق  قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەر خىل ئىمتىھانلارغا تەييارلانغان سىنىپلار ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار بۆلۈمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مائارىپ خىزمىتىنىڭ يىراقتىن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، رېستوران قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنىڭ پەقەت بۇلاق مۇلازىمىتىنىلا قىلىدىغانلىقىنى، ئۈستى يېپىق ساھەلەردىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ ئۇدا بىر ئاي كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز ئىككى ھەپتە ئىچىدە نىشانىمىز بويىچە ياخشى ۋەزىيەتكە قەدەم قويالمىساق، ئۇ چاغدا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر