چاۋۇشئوغلۇ مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بارتولو بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولو بىلەن كۆرۈشتى.

1620322
چاۋۇشئوغلۇ مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بارتولو بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولو بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا، لىۋىيە، قىبرىس ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، ھەمدە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ مالتادىكى سېلىنمىلىرى ۋە خىزمەت كېڭىشى يىغىنى، ساغلاملىق ساھەسى، ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى، مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولونى، ئىيۇن ئېيىدا چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان «ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى» يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن كەچتىمۇ، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى نەجلا ئەلمەنگۇش ۋە مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولو بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ تارىخىي دەۋردە لىۋىيەدە تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش باسقۇچىنى ئىزچىل قوللايمىز، تەرتىپسىز كۆچمەنلىك مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقدېڭىزدا ھۇزۇر ۋە ئامانلىقنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشى ئۈچۈن ھەمكارلىقىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر