ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن كەچلىك زىياپەتتە ئۇچراشتى

ھۇبەر سارىيىدىكى كەچلىك زىياپەتكە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي ۋە ئايالى ئولېنا زېلېنسكىي بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئايالى ئەمىنە ئەردوغان بىر يەرگە جەم بولدى.

1618974
ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن كەچلىك زىياپەتتە ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئايالى ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيە-ئۇكرائىنا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشى (YDSK) نىڭ 9- نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن  ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي ۋە ئايالى ئولېنا زېلېنسكىي بىلەن كەچلىك زىياپەتتە بىرگە بولدى.

ئەمىنە ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېردىكى يازمىسىدا، «ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى ئولېنا زېلېنسكىي بىلەن ھۇبەر سارىيىدا كەچلىك زىياپەتتە ئۇچراشتۇق، يېقىملىق پاراڭلاشتۇق» دېگەن سۆزلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

تىۋىتتېردىكى يازمىسىغا جۇمھۇر رەئىس ۋە ئايالى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ۋە ئايالى ئولېنا زېلېنسكىي بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرىتىمۇ قوشۇپ ھەمبەھىرلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر