ئەردوغان قىرىمنى رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدارئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

1618947
ئەردوغان  قىرىمنى رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدارئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى ھۇبەر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خىتابنامىدە، ئۇكرائىنانىڭ خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان چېگراسى دائىرىسىدىكى زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تۈركىيەنىڭ شەرتسىز قوللايدىغانلىقى قايتا تەكىتلەندى.

قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە سېۋاستوپول شەھىرى بىلەن دونېتسىك ۋە لۇخەنسك رايونلىرىنىڭ ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنىشى قاتارلىق ئۇكرائىنانىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلىرىدە داۋاملىق ئۆزئارا ماسلىشىش قارار قىلىندى.

خىتابنامىدە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن «قىرىم مۇنبىرى» قۇرۇپ چىقىشمۇ قارارلاشتۇرۇلدى

خىتابنامىدە ۋاقىتلىق ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە سېۋاستوپول شەھىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە قانۇنسىز قولغا ئېلىنغان قىرىم تاتارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدىكى تىرىشچانلىقلارنى ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىگەن ئورتاق خىتابنامىدە يەنە، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئارقىلىق قارا دېڭىز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللاشنى مەقسەت قىلغان ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش قارار قىلىندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر