تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىكى يېڭى مائارىپ مەكتىپى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە مائارىپ فوندىي جەمئىيىتى (TMV) ئامېرىكانىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى يېڭى مائارىپ مەكتىپى تەرىپىدىن سېتىۋىلىنغان بىنادا ئائىلىلەر ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىش ۋە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

1618872
تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىكى يېڭى مائارىپ مەكتىپى تونۇشتۇرۇلدى
Hasan Murat Mercan.jpg
abd maarif okulu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى جېرسىي ئىشتاتىغا قاراشلىق ۋاينە يېزىسىغا جايلاشقان مائارىپ مەكتىپىنىڭ يېڭى بىنا باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پروگراممىغا، نىيۇيورك ۋە يېڭى جېرسىي ئەتراپىدا ياشايدىغان تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان ئائىلىلەر قاتناشتى.

بالىلار ئۈچۈن ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن پروگراممىدا، ئائىلىلەرنى يېڭى بىنانى سەيلە قىلدۈرۈپ، مەكتەپنىڭ كەلگۈسى خىزمەتلىرى ھەققىدە  مەلۇمات بېرىلدى.

ھەر خىل ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن نيۇيوركقا كەلگەن تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەسەن مۇرات مەرجانمۇ پروگراممىغا قاتناشتى.

يېڭى بىنانىڭ خىزمەت تۈزۈلمىسىنى 2021- ۋە 2022- يىللىق ئوقۇش پەسلىگە يېتىشتۇرۇش نىشان قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر