تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 237 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى  237 كىشىىگە يەتتى.

1619142
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 237 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 33 مىڭ 939 كىشىگە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 294 مىڭ 274 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 2548 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 30 مىڭ 194 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 3 مىليون 331 مىڭ 411 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر