ئەرەن فىرانسىيەنى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا قارشى قەدەم تاشلاشقا چاقىردى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى — ي ت ب  باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن، فىرانسىيە دائىرىلىرىنى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ تۈركلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.

1617809
ئەرەن فىرانسىيەنى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا قارشى قەدەم تاشلاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى — ي ت ب  باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن، فىرانسىيە دائىرىلىرىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ فىرانسىيەنىڭ مارسىلىيا شەھىرىدىكى تۈرك كۈلتۈر مەركىزى ۋە مەسچىتلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ فىرانسىيەنىڭ مارسىلىيا شەھىرىدىكى تۈرك كۈلتۈر مەركىزى ۋە مەسچىتلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىكى فىرانسىيەدىكى تۈرك جامائىتى زەربە ئوبيېكتى قىلىنغان تۆتىنچى ھۇجۇم. ئۇ يەرنىڭ جامائەت ئامانلىقىغىمۇ زىيان يەتكۈزگەن بۇ تېررورچىلارغا قارشى تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر