ئەردوغان: ئىسلامىي ئۇنېۋىرسال بانكا قۇرۇش پىكرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ

ئەردوغان ئىسلامىي پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ كۆچمە مەبلەغ ئېھتىياجلىرىنى ۋە مۇسۇلمان جۇغراپىيەسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ئىسلامىي ئۇنېۋىرسال بانكا قۇرۇش پىكرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1617535
ئەردوغان: ئىسلامىي ئۇنېۋىرسال بانكا قۇرۇش پىكرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان D-8 تەشكىلاتىنىڭ 10- نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا نەق مەيداندىن ئۇلىنىش ئارقىلىق قاتناشتى.

ئەردوغان بۇ باشلىقلار يىغىنىدا 4 يىل داۋاملاشقان نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى باڭلادېشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «كاتىبات باشقارمىسىغا ئىستانبۇلدا ساھىبخانلىق قىلغان تەشكىلاتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى چارەك ئەسىردە تېخىمۇ كۈچىيىش بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى» دېدى.

يېقىنقى بىر يىلدا دۇنياغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىگە ھەمىنىڭ دىققەت تارتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەردوغان: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنساندا سىناق قىلىشنى باشلىغان يەرلىك ۋاكسىنىمىزنى ھېچكىشىنى ئارقىدا تاشلاپ قويماسلىق پرىنسىپى بويىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسىغا سۇنىمىز» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن D-8 دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى  قۇلايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىستراتېگىيىلىك ھۆججەت تەييارلاپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىگە يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ئەردوغان: «ئىسلامىي پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ كۆچمە مەبلەغ ئېھتىياجلىرىنى ۋە مۇسۇلمان جۇغراپىيەسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ ئېھتىياجىنى بىرلا ۋاقىتتا قاندۇرالايدىغان شۇنداقلا تور ئاساسىي قۇرۇلمىسىغا ئىگە بىر ئىسلامىي ئۇنېۋىرسال بانكا قۇرۇش پىكرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دۆلىتىمىزنى تاشقى پىرىۋۇت ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەتەرلەردىن قوغداش ئۈچۈن يەرلىك پۇل بىلەن سودا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈر. D-8 تەشكىلاتى ئالماشتۇرۇش بانكاسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرىشىنى پايدىلىق دەپ قارايمىز» دېدى.

ئەردوغان ھەممەنلەننىڭ زۇلۇم ئۇچرىغۇچىلارغا ۋە نامراتلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ھەمدە ئاراكانلىق، يەمەنلىك ۋە سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغىمۇ ئىگە چىقىش تىرىشچانلىقىدا بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر