تۈركىيە ئارمىيەسى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

سۈرىيەدىكى زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1617136
تۈركىيە ئارمىيەسى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ: «شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنىنى يەرگە قويمىدۇق، قويمايمىز! زەيتۇن شېخى ھەرىكەت رايونىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان تېرورلۇق نىشانلىرىنى بايقاش ۋە يوقىتىش ھەرىكىتىمىز داۋاملاشماقتا. ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان يەنە ئىككى تېررورچى كوماندىر جەڭچىلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

شۇنداق قىلىپ، بۇ ۋەقە دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانى بەشكە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر