چاۋۇشئوغلۇ: ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار تەلەپكە ئۇيغۇن

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئەسناسىدىكى رەسمىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1617172
چاۋۇشئوغلۇ: ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار تەلەپكە ئۇيغۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، كۇۋەيت تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە ئىچكى كابىنېتقا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى شەيخ ئەھمەد ناسىر مۇھەممەد ئەسساباھ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېرلېيېننىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە رەسمىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك دەتالاشلارغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر دۆلەت بولغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىم مېھمان كۈتۈۋالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلارغا ئالاقىدار رەسمىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ خەلقئارالىق كۈتۈۋېلىش ئۆلچەملىرى ۋە تۈرك مېھماندوستلۇقى رامكىسى ئىچىدە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ناھەق ئەيىبلەۋاتقانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ: «ھەر قېتىملىق زىيارەتتىن ئىلگىرى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ تەلەپلىرى ئورۇندالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مۇشۇنداق بىر ئولتۇرۇش تەرتىپى ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر