ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1616790
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە باشلىقلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ دەۋر بىزنى 21 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش نىشانغا يەتكۈزىدىغان دەۋر بولىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، كوۋىد – 19 نى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەقسىتىمىز دۆلىتىمىزنى رامىزان ئېيىدا ئومۇميۈزلۈك ئارام ئالدۇرۇپ، ھېيتتىن كېيىنكى گۈزەل كۈنلەر ئۈچۈن تەييارلاشتۇر. تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى بوشىتىشى، ھەتتا ئۆز ئالدىغا يۇقۇمنى پۈتۈنلەي يېڭىشى مۇھىم ئەمەس. ئاساسىي مەسىلە، يېقىن ئىنسانىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىمىز بولغان رايونلار باشتا بولۇپ، دۇنيادىكى ئومۇمىي ياخشىلىنىشنىڭ ئارقىسىدا قالماسلىق؛ ھەتتا مۇمكىن بولسا، ئالدىدا مېڭىشتۇر. ئەگەر رامىزان ئېيىدىكى تەدبىرلىرىمىز ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى بىر قانچە مىڭغا قىسقارتالىساق، ماي ئېيىدا باشلىنىدىغان ساياھەت پەسلى ۋە ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان سودا ھەرىكىتىدىن پايدىلىنالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر