تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1616274
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا چارلاش – كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچىنىڭ ئۇتۇقلۇق ھالدا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.