تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 377 كىشىنىڭ مال - مۈلۈكى توڭلىتىلدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دائېش، پ ك ك / ك ج ك ۋە د ھ ك پ/ ج تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەزا 377 كىشىنىڭ تۈركىيەدىكى مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىلدى.

1616345
تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 377 كىشىنىڭ مال - مۈلۈكى توڭلىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قارارى رەسمىي گېزىتنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىندى.

مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىلغان 205 فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىچىدە تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئىسمى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. تىزىملىكتە يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن ھامدى ئاقىن ئىپەك، ئەكرەم دۇمانلى، ھىدايەت قاراجا، ئابدۇللاھ ئاياز، ئاھمەت قۇرۇجان، جەمال ئۇشاك، جەۋدەت تۈركيولۇ، مۇستاپا ئۆزجان، مۇستاپا يېشىل، ئۆندەر ئايتاچ ۋە شەرىف ئەلى تەكالان قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئورۇن ئالدى.

پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 77 ئەزاسىنىڭ مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىلدى؛ تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى مۇرات قارايىلان، ئەلى ھايدار قايتان، جەمىل بايىك، دۇران قالقان، ھۈليا ئوران، فەھمان ھۈسەيىن ۋە فەرھات ئابدى شاھىن قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىلغان د ھ ك پ/ ج تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ توققۇز ئەزاسى ئىچىدە مۇسا ئاغائوغلۇ بىلەن ھۈسەيىن فەۋزى تەكىننىڭمۇ ئىسمى ئورۇن ئالدى.

بۇلاردىن باشقا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 86 كىشىنىڭ تۈركىيەدىكى مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر