مىنىستىرقارائىسسمائىلئوغلۇ تۈركىيەنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم قاتنىشى پىلانلىرى ئۈستىدە توختالدى
قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسسمائىلئوغلۇ «Türksat 5A» سۇنئىي ھەمراھىنىڭ ماي ئېيىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى 31 گرادۇس شەرق ئوربىتىگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1616579
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئادىل قارائىسسمائىلئوغلۇ بايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈركسات سۇنئىي ھەمراھ ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ گۆلباشى مۇئەسسسىدە چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم قاتنىشى، «Türksat 5A»، «Türksat 6A»، «Türksat 5b» سۈنئىي ھەمراھلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەرەققىياتلار ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
مىنىستىر ئادىل قارائىسسمائىلئوغلۇ: «بىز <Türksat 5b> خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىمىزنى بۇ يىلنىڭ تۆتىنچى پەسىلدە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىمىز» دېدى.
ئادىل قارائىسسمائىلئوغلۇ «Türksat 6A» سۇنئىي ھەمراھىنى بولسا، 2022-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.