كونيادا ھەربىي ئايروپىلان قازاغا ئۇچراپ بىر ئۇچقۇچى شېھىت بولدى

كونيادا بىر ھەربىي مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ بىر ئۇچقۇچى شېھىت بولدى.

1616689
كونيادا ھەربىي ئايروپىلان قازاغا ئۇچراپ بىر ئۇچقۇچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «كونيادا مەشىق جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچرىغان ھاۋا ئارمىيەمىزنىڭ NF-5 ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى شېھىت بولدى» دېدى.

رايونغا كۆپ ساندا سەھىيە ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەۋەتىلدى، ژاندارما ئەترەتلىرى رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «قەھرىمان ئۇچقۇچىمىزغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئۇلۇغ تۈرك خەلقىگە تەزىيە ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، كونيادا بىر مەشىق ئايروپىلانىنىڭ مەشىق ئەسناسىدا قازاغا ئۇچراپ، ئۇچقۇچىسىنىڭ شېھىت بولغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا: «شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، ئائىلىسىگە، يېقىن – يورۇقلىرىغا، تۈركىيە ئارمىيەمىزگە ۋە خەلقىمىزگە تەزىيە  بىلدۈرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر