ئايۋاجىك ۋە ئايۋالىقتا ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسى ۋە بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسىدە ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇېلىندى.

1615585
ئايۋاجىك ۋە ئايۋالىقتا ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 27 كۆچمەن قۇتقۇزۇلۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلدى.

تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى، سىۋرىجە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر كېمىدە بىر تۈركۈم كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 27 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بىجىرىلگەندىن كېيىن ئايۋاجىك ناھىيەلىك چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

يەنە، بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى ئارقىلىق گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش ئەسناسىدا چىپلاك ئارىلى ئەتراپىدا قاپسىلىپ قالغان 24 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى، ئايۋالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كامېر كېمە بىلەن يولغا چىقىپ چىپلاق ئارىلىغا يېقىن يەرگە بارغاندا كېمىسىنىڭ موتورىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ لەيلەپ قالغانلىقى ۋە ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرھال قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 24 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

كۆچمەنلەر ئايۋالىق دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقىغا ئېلىپ كېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر