ئەزەربەيجان – تۈركىيە ئارمىيەلىرىنىڭ ئورتاق ھەربىي مانېۋىرلىرى باشلاندى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ ئورتاق ھەربىي مانېۋىرلىرى باشلاندى.

1615840
ئەزەربەيجان – تۈركىيە ئارمىيەلىرىنىڭ ئورتاق ھەربىي مانېۋىرلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجاندا باشلانغان ۋە زامانىۋى ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرى بىلەن ئاپتوماتىك كونترول سىستېمىلىرى ئىشلىتىلىۋاتقان ھەربىي مانېۋىردا، ساھەدە جەڭ قىلغۇچى قىسىملار بىرلا ئالاقە سىستېمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىماقتا ئىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، قىسىملارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ كونترول قىلىنىشى، ساھە كونترول نۇقتىلىرىنىڭ ئېچىلشى ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي مانېۋىر، 8-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر