ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋوندېرلىيىېن (Ursula von der Leyen) نى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

1615885
ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن. 2016-يىلى 18-مارت ئىمزالانغان كۆچ ۋە مۇساپىرلار كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىنىشى، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 25 يىلنى ئارقىدا قالدۇرغان تاموژنا ئىتتىپاقى كېلىشىمىنى يېڭلاش قاتارلىقلار كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ، ئەزا بولۇش نۇقتىئىينەزىرى ئاساسىدا ئىجابىي كۈنتەرتىپ رامكىسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر