تۈركىيەدە بۈگۈن 211يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن211كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1616065
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن211كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى32مىڭ 667گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 271مىڭ.547كىشىنىڭ 2مىڭ 3نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى49مىڭ584كە يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان28مىڭ498كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى3مىليون 159مىڭ475كە يەتتى.