تۈركىيە ساقچىلىرى مارتتىكى دۆلەت ئىچى ھەرىكەتلىرىدە جەمئىي 86 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئامانلىقنى ساقلاش دائىرىلىرى مارتتا ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىدە، 86 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرۇپ، 16 تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

1615553
تۈركىيە ساقچىلىرى مارتتىكى دۆلەت ئىچى ھەرىكەتلىرىدە جەمئىي 86 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مىنىستىرلىق باياناتچىسى ئىسمائىل چاتاكلى،  مىنىستىرلىق يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئايلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مارتتىكى ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىدە 86 تېرورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمائىل چاتاكلى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى قارشى كۈرەش دائىرىسىدىمۇ 29-مارتتىن 5-ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا 5222 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىسمائىل چاتاكلى مارتتا بىر بومبا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان ھەرىكەتنى قوشقاندام جەمئىي 16 تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر