خىتاي باش ئەلچىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىڭ ئىيى (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ۋە ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشقا قارىتىپ ئېيتقان سۆزلىرى سەۋەبىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

1616045
خىتاي باش ئەلچىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغان خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىڭغا، ئەلچىخانىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتلاردىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىق يەتكۈزۈلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى تۋىتتېر ئادرېسىدا، ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ۋە ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشنىڭ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلىرىنى خەتكۈچلەپ، مۇنداق دېگەن:

«خىتاي تەرەپ ھەر قانداق كىشى ياكى بىر كۈچنىڭ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قاراتقان ھەر قانداق شەكىلدىكى خىرىسلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە شىددەت بىلەن ئەيىبلەيدۇ. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا ئادىللىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر