ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1614939
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا ئىككى تېررورچى، قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، شىرناقتا، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

بۇ ئۈچ تېررورچىدىن بىر نەپىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىندى، قالغان ئىككىسى رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر