ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئاباۇللاھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1615088
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى جۇمھۇر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھنىڭ كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھ بىلەن تېلېاوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە-ئىيوردانىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان.