تۈركىيە، ئىيوردانىيەدىكى نازارەتكە ئېلىش ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە، ئىيوردانىيەدە دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دېگەن سەۋەب بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى تۈپەيلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1614381
تۈركىيە، ئىيوردانىيەدىكى نازارەتكە ئېلىش ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەت بولغان ئىيوردانىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە خاتىرجەملىكىدىن ئايرىپ قارىمايمىز» دېيىلدى.

پادىشاھ ئىككىنچى ئابدۇللاھ ۋە ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى  بىلەن دوست، قېرىنداش دۆلەت ئىيوردانىيە خەلقىنىڭ خاتىرجەملىكى، باياشاتلىقى ۋە بەخت-سائادىتىنى تۈكىيەنىڭ كۈچلۈك قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، «ئىيوردانىيەدە دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دېگەن سەۋەب بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى تۈپەيلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر