تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 231 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى
گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 231 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1613898
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى ئىزمىر، بالىكەسىر ۋە چاناققەلئە دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا قىستالغان كۆچمەن كېمىلىرىدىكى مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇۋالدى.
تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرىنىڭ تۈركىيە ۋاقتى سائەت 3:30 دىن تارتىپ سائەت 12:33 كىچە بولغان ئارىلىقتا يەتتە ئايرىم كۆچمەن كېمىسىنى قايتىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، رايونغا ئەۋەتىلگەن تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرىنىڭ جەمئىي 231 كۆچمەننى قۇتۇلدۇرۇپ بىخەتەر جايغا ئېلىپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.
قۇتقۇزۇۋېلىنغان كۆچمەنلەر تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.