قالىن پ ك ك / ي پ گ نىڭ ياشلارنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، پ ك ك / ي پ گ نىڭ ياشلارنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1614122
قالىن پ ك ك / ي پ گ نىڭ ياشلارنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ ھاسەكە ۋىلايىتىدە بىر ئاي ئىچىدە 2700 ياشنى تۇتۇپ كېتىپ مەجبۇرىي قوراللاندۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىبراھىم قالىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ مارت ئېيى ئىچىدە 2700 ياشنى تۇتۇپ كېتىپ مەجبۇرىي قوراللاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «غەربنىڭ سۈرىيەدە پ ك ك نى غايىۋىيلەشتۈرۈشى ۋە رومانتىكلاشتۇرۇشى يەتتى. قوللىغۇچىلىرى بىر نەرسە دەمدۇ؟ ئېھتىمال يەنە بىر نەرسە دېمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر