فۇئات ئوقتاي نېگىرنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، نىگېرنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇمنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1614038
فۇئات ئوقتاي نېگىرنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي مۇراسىمدىن كېيىن پىرېزىدېنت بازۇم بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى دەۋردە تۈركىيە بىلەن نىگېر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئارقىدىن سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گېنېرال مۇھەممەد ھەمدان داگالو بىلەن كۆرۈشكەن فۇئات ئوقتاي، لىۋىيە دۆلەتلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى خالىد ئەلمەشرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

ئوقتاي پىرېزىدېنت بازۇمغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈرك خەلقىنىڭ ئەڭ سەمىمىي مۇۋەپپەقىيەت تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر