ئالتۇن ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلەرنىڭ ھەقىقەتلەردىن يىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1613348
ئالتۇن ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىچكى سىياسەت مەسىلىسى ئەمەس، ئەكسىچە يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رايوندىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى چىقىۋاتقان بىردىنبىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمەتلىرى دەۋرلىرىدە ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى؛ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ، تۈركىيەگە قارىتا ناھەق تەنقىدلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھالبۇكى، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە كىشىلىك ھوقۇققا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنى، بىخەتەرلىك ۋە خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى نەزەردە تۇتقان ھالدا داۋاملاشتۇرماقتا.»

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى «ئەركىنلىكلەرنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ» دەپ ئاتىغان ئالتۇن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارىتا دىيالوگ ئىشىكلىرىنى ھەردائىم كەڭ ئېىچىۋەتكەن بولۇپ، ھازىرمۇ شۇنداق قىلماقتا. لېكىن، ئەركىنلىكلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقىمىزنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكى قىزىل سىزىقىمىزدۇر.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيەگە قارىتا تەنقىدلەرنىڭ ھەقىقەتلەردىن يىراق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قارىتا تىرىشچانلىقلىرىغا قارىتىلغان ناھەق تەنقىدلەرنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر