رۇمېنىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا قارا دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن

«21-سىشىلد تەكلىپ» مانېۋىرى رۇمېنىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا 19-29-مارت كۈنلىرى غەربىي قارا دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلدى.

1613381
رۇمېنىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا قارا دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى غەربىي قارا دېڭىزدا رۇمېنىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مانېۋىرغا تۈركىيەدىن باشقا، ئامېرىكا، بۇلغارىيە، ئىسپانىيە، پولشا ۋە گىرېتسىيەنىڭ قاتناشقانلىقى، ناتونىڭ «2-دائىمىي دېڭىز ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسى» نىڭ «ت ج گ كەمال رەئىس» (TCG Kemalreis)  پاراخوتىنىڭمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مانېۋىردىن كېيىن، 29-31-مارت كۈنلىرى ئارىسىدا  ت ج گ كەمال رەئىس پاراخوتى بىلەن بىرلىكتە، ئىسپانىيە، بۇلغارىيە ۋە رۇمېنىيە پاراخوتلىرىنىڭ سامسۇن پورتىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر