چاۋوشئوغلۇ راشىد دوستۇم بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنت ياردەمچىسى مارشال راشىد دوستۇم بىلەن كۆرۈشتى.

1612882
چاۋوشئوغلۇ راشىد دوستۇم بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن دوستۇم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشكەن.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدىكى تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا، دوستۇم بىلەن تىنچلىق مۇساپىسى ۋە ئافغانىستاندىكى تۈرك تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

ئۇ ئۇچۇرىدا: «قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئىزدەش تىرىشچانلىقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر