ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋاكسىنا ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش ئېھتىياجىنى قاندۇراللايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن دۆلەتلەرنى ئارتۇق ۋاكسىنىلىرىنى ئېھتىياجلىق باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

1611215
ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋاكسىنا ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن، «<كوۋىد – 19> يۇقۇمىدىن كېيىنكى باسقۇچتا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تېمىلىق تور يىغىنىغا يوللىغان ۋىدېئولۇق سىگنالىدا، مۇنداق دېدى: ««نوپۇسىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەتلەر بار بولسىمۇ، لېكىن مىلياردلىغان كىشىلەرنىڭ، ھەتتا تۇنجى قېتىم ۋاكسىنىغا ئېرىشەلمەيۋاتقان ئىنسانلارنىڭ بار بولۇشى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ‹كوۋىد – 19› ۋاكسىنىسى مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ قالدى، بىز دۇنيادىكى 100 گە يېقىن دۆلەتنىڭ تېخى ۋاكسىنىغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھالبۇكى، ۋاكسىنىنىڭ ئادىل ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلماي تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش ئېھتىياجىنى قاندۇراللايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن دۆلەتلەر، ئارتۇق ۋاكسىنىلىرىنى ئېھتىياجلىق باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە، يەرلىك ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ ۋاكسىنىنى ئەڭ پايدىلىق شارائىتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر