«ئەرەن – 12 گۈلەشلى» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

شىرناق ۋە سىئىرتتا 1317 ئالاھىدە خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن – 12 گۈلەشلى» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1611098
«ئەرەن – 12 گۈلەشلى» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن تامامەن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، شىرناق ۋە سىئىرتتا «ئەرەن – 12 گۈلەشلى» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەتكە، شىرناق قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى يېتەكچىلىك ۋە قوماندانلىق قىلىش ئەترەتلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى، ساقچى ئالاھىدە ئەترەتلىرى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترەتلەردىن تەشكىل تاپقان 1317 ئالاھىدە خادىم ۋە 83 ھەربىي ھەرىكەت ئەترىتى قاتناشماقتا ئىكەن.

دۆلەت ئىچىدە تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، 2021 – يىلى، 11 – يانۋار كۈنى باشلانغان «ئەرەن ھەربىي ھەرىكەتلىرى» دائىرىسىدە، 75 يانتاياقچى تۇتۇلغان، 421 غار، ئىسكىلات ۋە پاناھ جاي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، كۆپ ساندا ئوق – دورا يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا بىر تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 6 گە يەتكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «<ئەرەن ھەربىي ھەرىكەتلىرى>، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىزچىل داۋاملاشماقتا.»

يەنە بىر تەرەپتىن، چۆرىدىگەن ھالدا ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، سۈرىيەدە «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىش تيەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر