تۈركىيە گىرېتسىيە قايتىشقا مەجبۇرلىغان ئونلارچە پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇۋالدى

ئىزمىرنىڭ چەشمە ۋە دىكىلى ناھىيەلىرىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 71 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1610961
تۈركىيە گىرېتسىيە قايتىشقا مەجبۇرلىغان ئونلارچە پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر تۈركۈم پاناھلانغۇچىلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغان دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى، رايونغا قۇتقۇزۇش كېمىسى يوللاپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغان كامېر كېمىدىكى 28 پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.

يەنە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن كامېر كېمىسىنىڭ موتورىنى ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 24 پاناھلانغۇچى بولسا، دىكىلى ناھىيەسى دەنىزكۆي دېڭىز تەۋەلىكىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى يەنە مەزكۇر دۆلەت تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان بىر قېيىقتىكى 19 پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.

ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 71 پاناھلانغۇچى مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەردىن كېيىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

تۈنۈگۈنمۇ چاناققەلئە، بالىكەسىر ۋە مۇغلا دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان جەمئىي 144 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر