پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىدىكى پىرىنسپال  مەۋقەسىنى ماختىدى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى تۈركىيەنىڭ جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىدە پىرىنسىپال مەۋقەسىنى ۋە قەتئىي ئىرادىلىك قوللاشتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى  مەدھىيەلەپ، بۇنىڭ كەشمىر خەلقىگە نىسبەتەن چوڭ كۈچ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1611186
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىدىكى پىرىنسپال  مەۋقەسىنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيانىڭ قەلبى ئىستانبۇل: 9-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى دائىرىسىدە،  پايتەخت دۇشەنبەدە ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتقان  تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرەيشى بىلەن كۆرۈشتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا يىغىن ھەققىدە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىقېرىندىشىم شاھ مەھمۇد قۇرەيشى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىككى مىنىستىرنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكى شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىق  مەسىلىلەردىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىدە، پىرىنسىپال مەۋقەسىنى ۋە قەتئىي ئىرادىلىك قوللاشتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى مەدھىيەلىگەن قۇرەيشى، بۇنىڭ كەشمىر خەلقىگە نىسبەتەن چوڭ  كۈچ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى مىنىستىر ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىدىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتلەرنىمۇ مۇزاكىرىلەشتى ۋە تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى يىغىنى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر