كوممۇنىىست تېررورلۇق تەشكىلاتى د ھ ك پ-ج نىڭ  يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى ئىستانبۇلدا قولغا چۈشتى

كوممۇنىىست تېررورلۇق تەشكىلاتى د ھ ك پ-ج نىڭ  ئاتالمىش ​​ تۈركىيە مەسئۇلى ياسەمىن قاراداغ بىلەن ئاتالمىش ​​مەمۇرلار مەسئۇلى يەتەر گۆنۈل ئايدىن ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە قولغا چۈشتى.

1611035
كوممۇنىىست تېررورلۇق تەشكىلاتى د ھ ك پ-ج نىڭ  يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى ئىستانبۇلدا قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى ئىستىخبارات ئەترىتى بىلەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش شۆبىسى ئەترىتى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان خىزمەتلەر ۋە تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار نەتىجىسىدە ياسەمىن قاراداغنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى د ھ ك پ-ج نىڭ  ئاتالمىش ​​ تۈركىيە مەسئۇلى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىزدەپ تۇتۇش كېرەكلىك تېررورچىلار تىزىملىكىدە «كۈلرەڭ» كاتېگورىيەدە ئورۇن ئالغان ۋە تۇتۇلغاندىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان جافېرى سادىق ئەرئوغلۇدىن كېيىن، گۇماندار ياسەمىن قارداغنىڭ تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش ​​تۈركىيە مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار نەتىجىسىدە  يەنە، 2000-يىلدىن بۇيان 3 قېتىم تۈرمىدە ياتقان جىنايەت گۇماندارى يەتەر گۆنۇل ئايدىننىڭ بولسا، بۇ تەشكىلاتقا ئاتالمىش ​​مەمۇرلار مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى ئېنىقلاندى.

تېخنىكىلىق ۋە فىزىكىلىق ئىز قوغلاشنى داۋاملاشتۇرغان ئەترەت، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەخپىي ئۆيىدە يوشۇرۇنغان يەتەر گۆنۇل ئايدىن بىلەن ياسەمىن قاراداغنى بەلگىلەنگەن ئادرېستىن تەڭلا قولغا چۈشۈردى.

گۇماندارلارنىڭ ساقچى ئىدارىسىدىكى رەسمىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر