دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدۇ.

1611046
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ 2 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا، ئەگە دېڭىزى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىستىكى ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان، لىۋىيە ۋە سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەم تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستىراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىشنى كونترول قىلىش ۋە كۆزىتىش مەقسىتىدە 30 – يانۋار كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان يىغىندا، سۈرىيەدە يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا، ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن باشلانغان ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان يىغىندا، تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

يىغىندا يەنە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/پ ي د/ي پ گ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر